1 / 7

مۇستاپا ئىسلامئوغلى سۆھبەتلىرىدىن

مۇستاپا ئىسلامئوغلى سۆھبەتلىرىدىن.

asta
Download Presentation

مۇستاپا ئىسلامئوغلى سۆھبەتلىرىدىن

An Image/Link below is provided (as is) to download presentation Download Policy: Content on the Website is provided to you AS IS for your information and personal use and may not be sold / licensed / shared on other websites without getting consent from its author. Content is provided to you AS IS for your information and personal use only. Download presentation by click this link. While downloading, if for some reason you are not able to download a presentation, the publisher may have deleted the file from their server. During download, if you can't get a presentation, the file might be deleted by the publisher.

E N D

Presentation Transcript


  1. مۇستاپا ئىسلامئوغلى سۆھبەتلىرىدىن

  2. ئا: ئۇستاز بەلكىم بۇ يەردە كۈنىمىزدىكى كىشىلەر، مۆئمىن كىشىلەر ئەڭ كۆپ ئۇچراۋاتقان مەسلىلەردىن بىرسى مۇنداق مەن تېخى پىشىپ يېتىلمىدىم ، دەيدۇ. خاتالىقلىرىم كۆپ، كەمچىلىكلىرىم بار. يەنى ئالدى بىلەن ئۆزى كامالەتكە يېتىشى ئاندىن باشقىلارغا يەتكۈزىشى كېرەك دەپ قارايدىغان مەسىلە بار.  ئۇ يەردە بىر شەيتان دېسەممۇ، كەمچىلىكتىن خالىي بولۇش ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. دەيدۇكى، قارا،  سەن شۇنچە كۆپ گۇناھ ئۆتكۈزىسەن، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك قېيىنچىلىقلىرىڭ، مەسلىلىرىڭ بار. سېنىڭ كەمچىلىكىڭ كۆپ، ياخشى تەرىپىڭ يوق يەنى ئۆزىدە مەۋجۇت بولغان ياخشى تەرەپلەرنىمۇ يوقتەك كۆرستىدۇ. يەنى كەمتۈكسىز بولۇش قارىشىنىڭ يا پەرىشتە ياكى گۇناھكار چۈشەنچىسى بىلەن ب: قىمارۋاز چۈشەنچىسى بىلەن ئا: شۇنداق، قىمارۋاز چۈشەنچىسى بىلەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، قارىسىڭىز

  3. ئوتتۇرىدا روھى چۈشكىن، ئۆزىگە ئىشەنچى يوق، خاراكتېر جەھەتتىن مىسكىن بىر ئىنسان تىپى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇنىڭغا قوشۇلامسىز؟ كۈنىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ روھى چۈشكۈنلىكىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرسى بۇ دېسەك بولامدۇ؟ ب: توغرا، بەلكىم بۇ ئىككى نوقتىدىن بىرسى. ئىككى مەسىلە بار. بىرىنجىسى، ياخشىلىقنىڭ تىجارەتچىسىگە ئايلانغان پەقەت ياخشىنىلا كۆرسىتىپ ئۇنى ساتىدۇ. لېكىن، ئۆزى ياخشى بولۇش ئۈچۈن تىرىشمايدۇ. يەنى ياخشىلىقنىڭ رىياخورى، رىيا. ئىككىنجىسى، كەمتۈكسىزلىك قىلتىقىغا چۈشكەن، يەنى شەيتاننىڭ ئەڭ چوڭ قىلتىقىدۇر مۇكەممەللىك تۇزىقى. چۈنكى ئادەم ئەلەيھىسسالامنى چۈشۈرگەن تۇزاق بۇ. پەرىشتە بولۇشنى خالىمامسەن؟ ئەبەدىي مەۋجۇت بولۇشنى خالىمامسەن؟ دەيدۇ. مانا بۇ يەردە ئالدام خالتىغا چۈشتى. يەنى چەكلەنگەن مېۋىنى يېدى، قىلتاققا چۈشتى.

  4. ئا: دەل شۇنداق ب: لېكىن، ياخشىلىقنىڭ بىر چىكى بارمۇ سەن ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقتىم دەيسەن؟ ياخشىلىق بېرىپ توختايدىغان بىر ئاپتۇۋۇز بىكتىمۇ يېتىپ كەلدۇق تۈگىدى دەيدىغانغا ؟ يەنى مەن ياخشىلىقتا مۇكەممەل بولدۇم ئەمدى ئۇنى باشقىلارغا يەتكۈزەي ئا: ياخشىلىقنىڭ بىر چىكى يوق ب: بىرىنچىسى بۇ. ئىككىنجى، ئىنسان ياخشى بولالايدۇ، ياخشىلىققا ئىگە بولالايدۇ. لېكىن ياخشى ھالىتىنى ساقلاپ تۇرۇشىنىڭ كاپالىتى يوق. شۇڭا بۇ يولدا توختىماي كۆرەش قىلىشى كېرەك. ئۇنداقتا، ياخشى بولۇش دېگەن نېمە؟ دەپ سورىسىڭىز، ياخشى بولۇش - ياخشى بولۇش ئەمەس، ياخشى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىشتۇر. ئا: ناھايىتى ياخشى. ياخشى بولۇش دېگەندە يېتىپ بارغان بىر نوقتىنى ب: ياق، بۇنداق بىر ئىش يوق

  5. ئا: بۇ مەۋجۇدىيەتنىڭ تەبىئىيتىگە، يارىلىشىغا زىت. ب: نوقسانلاردىن خالىيلىق ئاللاھقا خاستۇر، ئىنسانلار بىر ئىشتا كامالەتكە يېتىدۇ، لېكىن مۇكەممەل بولالمايدۇ. ئا: ئۇنداقتا ئىنسان يولىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ يېتىپ بارغان بىر مەنزىل يوق، سەپەر ئۈستىدە. ب: دەل شۇنداق، شۇڭا ئىنسان.  قۇرئان بەرگەن ئۆرنەكلەر مانا مۇشۇنداق. نېمىشقا بىر مۇشت بىلەن جىنايەت سادىر قىلغان، قازارا بىر جىنايەت سادىر قىلغان بىر زاتنى قۇرئان مەشھۇر پەيغەمبەرلەر ئارىسىدا بايان قىلىدۇ؟ ھەمدە ئۇنىڭغا بىر مۆجىزە بېرىدۇ، ئىككى مۆجىزىدىن بىرسى يەدى بەيزا. يەنى نېمىشقا مۇساغا يەدى بەيزا - پارقىراق قول چاقنىغان قول، نۇرلۇق قول مۆجىزىسى. ئۇ نۇرلۇق قول ئەسلىدە جىنايەت سادىر قىلغان قول. ئا: شۇنداق.

  6. ب: يەنى ئەسلىدە بۇ يەردە قۇرئان مۇنداق دەيدۇ: قولىڭىز گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولىشى مۇمكىن. ئەگەر سىز ئۇ قولىڭىزنى ئاللاھقا تاپشۇرسىڭىز، ئۇ قول يەدى بەيزاغا ئايلىنىدۇ. بۇ يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ ئا: ناھايىتى توغرا. ب: شۇڭا مۇكەممەللىك قىلتىقى ناھايىتى خەتەرلىك بىر تۇزاق. ئا: بۇ مەسىلىدە، مەن شۇ نوقتىغا كەلگەندە ئاندىن قىلىمەن ب: ياق، بۇنداق ئىش يوق. بىلگىچە ئۆگەنگەنلىرىڭىزنىڭ ئوقۇغۇچىسى، بىلگەنلىرىڭىزنىڭ ئۇستازى سىز.  ئا: ئۆگەنگىچە ب: شۇنداق ئا: بىلگەنلىرىڭىزنىڭ. شۇڭا ئۆمرىڭىز بويىچە ھەم ئوقۇغۇچى ھەم ئۇستاز

  7. بولىسىز. چۈنكى ئۆگىنىشىمىز كېرەك بولغان نەرسىلەر تۈگەپ قالمايدۇ. ئۆگىنىپ بولالمايدىغانلىقىمىزغا كۆرە، ئوقۇغۇچىلىق ھالىتىڭىزمۇ ئاخىرلاشمايدۇ. ئا: بۇ سەپەر داۋاملىشىۋېرىدۇ ب: شۇنداق، ئۇستازلىقمۇ شۇنداق بولىدۇ ئا: ئۆگىنىدىغانلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئۆگەنگەنلىرىنىڭ ئۇستازى. ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە بىلمىگەنلىرىنى ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرىسىز. ب: دەل شۇنداق youku.com/alnoor024 مۇستاپا ئىسلامئوغلى سۆھبەتلىرىدىن  تەرجىمە قىلغۇچى – باتۇر قاراخانلې

More Related