1 / 12

مۇھىم نۇقتا

بۇ سائەتلىك دەرس تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 2–يىللىق تاللانما دەرسلىك 5–كىتابتىكى فولكلورنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ، بۇ سائەتلىك دەرس 4–بۆلەك چۆچەكلەرنىڭ بىر تۈرى بولغان رىيالىستىك چۆچەك تۈرىگە تەۋە.

bevis
Download Presentation

مۇھىم نۇقتا

An Image/Link below is provided (as is) to download presentation Download Policy: Content on the Website is provided to you AS IS for your information and personal use and may not be sold / licensed / shared on other websites without getting consent from its author. Content is provided to you AS IS for your information and personal use only. Download presentation by click this link. While downloading, if for some reason you are not able to download a presentation, the publisher may have deleted the file from their server. During download, if you can't get a presentation, the file might be deleted by the publisher.

E N D

Presentation Transcript


  1. بۇ سائەتلىك دەرستولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 2–يىللىق تاللانما دەرسلىك 5–كىتابتىكى فولكلورنىڭتەركىبىي قىسمى بولۇپ، بۇ سائەتلىك دەرس 4–بۆلەك چۆچەكلەرنىڭ بىر تۈرى بولغان رىيالىستىك چۆچەك تۈرىگە تەۋە.

  2. ئالدى بىلەن مەن تېكست ئوقۇتۇش ۋە كۆنۈكمە سۇئالىنى تەھلىل قىلىشتىن بۇرۇن مۇشۇ سائەتلىك دەرسنىڭ ئوقۇتۇش نىشانىنى بەلگىلەپ چىقتىم. ئوقۇتۇش نىشانى ئالدى بىلەن چوڭ تېما فولكلور ھەققىدىكى بىلىم،فولكلورنىڭ تۈرلىرى، مۇشۇ سائەتلىك دەرس فولكلورنىڭ قايسى تۈرىگە تەۋە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى نەزىرىيىۋى بىلىملەرنى ئەسلىتىپ ئۆتۈش ۋە شۇ ئاساستا دەرسلىككە يېتەكلەپ كىرىش، نەزىرىيە بىلەن ئەمىلىيەتنى ھەم ئەخلاقىي تەربىيەنى بىر گەۋدە قىلىشنى مەقسەت قىلدىم.

  3. مۇھىم نۇقتا 1. چۆچەكتە ئىپادىلەنگەن ئىدىيىۋى مەزمۇن ۋە باش تېمىنى ئىگەللەش. 2. ئۇرۇق–تۇغقانچىلىقنىڭ ئىسىل ئادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش. 3. ئەسەرنىڭ بەدئىي ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىش. قاتارلىق نۇقتىلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ بەلگىلىدىم. بۇ نۇقتىلارنى ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈشتە، تېكست ئارقىلىق نەزىرىيىۋى بىلىم چۈشەندۈرۈشنى،نەزىرىيە بىلەن ئەمىلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىقمەشق ئىشلىيەلەيدىغان بولۇشنى مەقسەد قىلدىم. مۇھىم نۇقتىنىڭ قائىدە–قانۇنىيەتلىرىنى چوقۇم ئەستە ساقلىشى ئۈچۈن مىسال ئارقىلىق يېتەكلەشنى ئاساس قىلىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈردۈم.

  4. قىيىن نۇقتا چۆچەك مەزمۇننى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان پەلسەپىۋى پىكىرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش. پەلسەپىۋىي پىكىر دېگەندەقېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدىكى قانداشلىق مۇناسىۋەت ھەم مىھرى –مۇھەببەتنىڭ نەقەدەر چوڭقۇر بولىدىغانلىقىنى ئەمەلىي مىساللار ۋە ماقال–تەمسىللەر ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشنى مەقسەت قىلدىم.

  5. دەرسكە باشلاپ كىرىش: سۇئال قويۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتكە بولغان قارىشىنى سىناپ بېقىش، ئوقۇغۇچىلارغا دېئاگىنوز قويۇش ۋە شۇ ئاساستا دەرس مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ تەربىيە ئىشلەشنى مەقسەت قىلدىم. مەسىلەن: ساۋاقداشلار، سىلەر خەلقىمىز ئارىسىدىكى ئۇرۇق–تۇغقانچىلىققا مۇناسىۋەتلىك قانداق ئىسىل ئادەتلەرنى بىلىسىلەر؟ ئۇرۇق–تۇغقانغا مۇناسىۋەتلىك قانداق ماقال–تەمسىللەر بار؟ ئوقۇغۇچىلار ئاتا–ئانىلىرىنىڭ ياكى ئۆزلىرىنىڭ ۋە ياكى باشقىلارنىڭ قېرىنداشلىق مېھرى–مۇھەببەت ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بەرسە بولىدۇ.

  6. 27.تۇغقانلىق رىشتى

  7. ئوقوتۇش جەريانى: 1.ساۋاقداشلار، سىلەر خەلقىمىز ئارىسىدىكى ئۇرۇق–تۇغقانچىلىققا مۇناسىۋەتلىك قانداق ئىسىل ئادەتلەرنى بىلىسىلەر؟ ئۇرۇق–تۇغقانغا مۇناسىۋەتلىك قانداق ماقال–تەمسىللەر بار؟ ئوقۇغۇچىلار ئاتا–ئانىلىرىنىڭ ياكى ئۆزلىرىنىڭ ۋە ياكى باشقىلارنىڭ قېرىنداشلىق مېھرى–مۇھەببەت ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بەرسە بولىدۇ. 2. چۆچەكنى مەزمۇنىغا ئاساسەن چۆچەكنىڭ قايسى تۈرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى قىسقىچە بايان قىلىڭ. (ئوقۇغۇچىلارغا فولكلور ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى، ئەسەرنىڭ فولكلورنىڭ قايسى تۈرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى،چۆچەكنىڭمۇ قايسى تۈرىگە تەۋە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت نەزىرىيىۋى بىلىمنى ئەسلىتىمەن.) 3. ئاكا–ئۇكا ئىككىسىنى ئۇزۇن مەزگىل ياتلاشتۇرغان نەرسە نېمە؟

  8. 4. ئەسەردە ‹‹مال–دۇنيا كۆپ بولسىلا، ئۇرۇق–تۇغقان بىر–بىرىدىن ياتلىشىدۇ›› دېگەن يەكۈن ئىپادىلەنگەن دېسە توغرا بولامدۇ؟ سىزمۇ مال–دۇنيا ئۇرۇق–تۇغقاننى بىر–بىرىدىن ياتلاشتۇرىدۇ دەپ قارامسىز؟ پاكىت كەلتۈرۈپ دەلىللەڭ. 5 . بۇ چۆچەكتە،ئەگەر ئاتا تويۇقسىزلا ۋاپات بولۇپ كەتمىگەن تەقدىردە ئۇنىڭ چالا قىلىپ قويغان ئىشى قايسى بولۇپ چىقىدۇ؟ 6. ئاكا–ئۇكىلار ئۈچۈن دادىدىن قالغان مال– دۇنيانى ئازارلاشماستىن بۆلۈشۈشنىڭ قانداق ئۇسۇللىرى بار؟ كەم دېگەندە ئىككى خىل پىلانىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ.

  9. 8. «ياغاچ ئات»دېگەن چۆچەك بىلەن «تۇغقانچىلىق رىشتى» دېگەن چۆچەك قانداق ئوخشىماسلىققا ئىگە؟ 7. بۇ چۆچەكتىكى ئاكا ئۇكىلارنىڭ ئىسمى ئادەمگە غەيرىي تۇيىلىدۇ.مەسىلەن: «مۇچۇنباي،قاغىباي» دېگەندەك. « قاغىباي» دېگەن ئىسىم بىزگە تونۇشلۇق. خەلقىمىزنىڭ مۇشۇنداق ئىسىملارنى قويۇشى مۇنداقلا قويۇلۇپ قالغانمىدۇ؟ 9. ئۇيغۇرلاردىكى ئەنئەنىۋى ئۇرۇق– تۇغقانچىلىق بىلەنھازىرقى زامان ئۇرۇق– تۇغقانچىلىقىنىڭ پەرقىنى قايسى جەھەتتىن ھېس قىلدىڭىز؟ ئەنئەنىۋى ئۇرۇق–تۇغقانچىلىقىمىزدىكى قايسى تەرەپلەرنى داۋاملاشتۇرۇش زۆرۈر دەپ قارايسىز؟

  10. 10. ئەسەردە قانداق بىر كۆز قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلغان؟ 11.ئەسەرنىڭ يېزىلىش جەھەتتىكى بەدئىي ئالاھىدىلىكى قانداق؟ 12.قاغىباي ئېيتقان بېيتنىڭ مەزمۇنىنى تەھلىل قىلىڭ.

  11. ماقال – تەمسىل ئارقىلىق خۇلاسىلەش يات يىگۈچە، تۇغقان ئۆلگۈچە. تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى، تۇغقاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى.

  12. تاپشۇرۇق تېپىلدى ئاش، تېپىلدى سۇ، تېپىلدى كەڭ يەر، يار– بۇرادەر بولۇش ئۈچۈن تېپىلدى كۆپ ئەر. لېكىن كۆڭۈل ئۈچۈن ئۇلار بولسىمۇ ئەرمەك، بولمايدىكەن ئۆز تۇغقاندەك تىرەنچۈك– يۆلەك. تۇغقان دېگەن تۇغقان ئۈچۈن بەكمۇ ئەزىزكەن، بىر– بىرىگە كۆيۈپ ئۆتسە ئۆمۈر لەزىزكەن. ئۇرۇق– تۇغقان ئىناق ئۆتۈڭ، بىزدىن پەندىيات، ئىناقلىقتا گۈللەيدىكەن ئوقەت ھەم ھايات. * قاغىباي ئېيتقان بېيتنىڭ مەزمۇنى ئاساسىدا بىر پارچە ماقالە يېزىپ كېلىڭ

More Related